ئامېرىكا بىر ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا «ئەركىن دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش» قا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.10.21

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا «دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەرىكىتى»گە قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاقساراينىڭ دەلىللىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېكاتور ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى جۈمە كۈنى ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي، ۋىيېتنام، تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپتىكى ۋۇدىي، ترىتون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن. لېكىن بىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ 12 دېڭىز مىلىنىڭ ئىچىگە كىرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بۇ يىل 5‏-ئايدىن بېرى تۇنجى قېتىم مەزكۇر رايوندا دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىدۇر. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى، يۇقىرىقى ھەرىكەت ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، دېكاتور ناملىق ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھەرىكىتىنى «ئېغىر قانۇنسىزلىق» ۋە «قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى 1996‏-يىلى 5‏-ئايدا غەربىي سېپراتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ دېڭىز چېگراسىنى ئېنىق بېكىتكەن. ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ خىتاي دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرىشى ئېغىر قانۇنسىزلىق ۋە قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر رايوندا ھاۋا ۋە دېڭىز چارلىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئاساسلىق بارلىق تېررىتورىيەسىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئېلان قىلغان.

لېكىن، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ رايوندا داۋاملىق دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.