خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى دەتالاشتىكى جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىغا يېقىن جايدا مانېۋىر قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.10.27

خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا مانېۋىر قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئامېرىكىغا ئائىت ئۇرۇش پاراخوتى دەتالاشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا سەپەر قىلىپ بىر ھەپتە بولماي تۇرۇپلا، تۇيۇقسىز ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ چيەن باياناتىدا، بۇنىڭ ئادەتتىكى چارلاش ۋە قۇتقۇزۇش مەشىقى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بىر كۈن داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېكاتور ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي، ۋىيېتنام، تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپتىكى ۋۇدىي، ترىتون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن ئىدى. بۇ، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بۇ يىل 5‏-ئايدىن بېرى تۇنجى قېتىم مەزكۇر رايوندا دېڭىز قاتنىشىنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق بولۇشىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قىلغان سەپىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ سەپەرنىڭ ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بىراق، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دېكاتور ناملىق ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھەرىكىتىنى «قانۇنسىز» ۋە «قەستەن كاشىلا چىقىرىش» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.