مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنس: «جەنۇبىي دېڭىز ھېچقانداق دۆلەتكە تەۋە ئەمەس»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس 15‏-نويابىر كۈنى سىنگاپوردا سۆز قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەۋە ئەمەسلىكى، ھىندى-تىنچ ئوكيانىدا ئىمپېرىيە ۋە زوراۋانلىققا ئورۇن يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

«ۋول ستېرېت ژورنال» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مايك پەنسنىڭ سۆزى ئامېرىكانىڭ بېيجىڭغا قارشى سودا، بىخەتەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى پوزىتسىيەسى بارغانسىرى قاتتىقلىشىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەن.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنس يۇقىرىقى سۆزلەرنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنىدا قىلغان. بۇ يىغىنغا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭمۇ قاتناشقان ئىدى. مايك پەنس «ئىمپېرىيە ۋە زوراۋانلىقنىڭ ھىندى -تىنچ ئوكياندا ئورنى يوقلىقى» نى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىكىنى «قانۇنسىز ۋە خەتەرلىك» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئېنىق ئېيتاي، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ۋە زېمىن كېڭەيمىچىلىكى قانۇنسىز ۋە خەتەرلىك. ئۇنىڭ ھەرىكىتى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىگە خەۋپ يەتكۈزمەكتە».

ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھەرقانداق پاراكەندىچىلىك ئامېرىكانى يولىدىن قايتۇرالمايدىكەن شۇنداقلا ئۇنىڭ نىيىتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىكەن. مايك پەنس يەنە: «جەنۇبىي دېڭىز ھېچقانداق دۆلەتكە تەۋە ئەمەس. سىلەر شۇنىڭدا خاتىرجەم بولۇڭلاركى، ئامېرىكا خەلقئارا قانۇنلار يول قويغان ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ ئېھتىياجى دائىرىسىدە بۇ رايوندىكى ھاۋا، دېڭىز مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن.

مايك پەنس يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلىشتىن ئاۋۋال، ئامېرىكا خىتايدىن جەنۇبىي دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپ ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتىيە-ئىستراتېگىيە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر يىغىندا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتنى، تەيۋەن مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىز، ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت