جەنۋەدە ئېچىلغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچرىشىش يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتناشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.02.23

كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن جەنۋە ئالىي ئۇچرىشىشى ناملىق خەلقئارا يىغىن 23-فېۋرال جەنۋەدە باشلاندى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ۋە نۆۋەتتە ياۋروپادا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، سابىق دىپلومات كىرەم شېرىپ قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىننىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇزاكىرىسىدە، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىرىنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ ئۆزىدىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مەسىلىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ۋە بۇ رايونلاردىكى ۋەزىيەت قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دۆلەت، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى، سىياسەتچىلەر بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان يەنە بىر ۋەكىل كېرەم شېرىپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرى خىتاينىڭ پاكىستان ئەلچىخانىسىدا دىپلومات بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىدە، خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇش تىزىملىكىدە ئىسمى چىققان، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىدىن قېچىپ كېتىپ، كېيىن ب د ت دىن پاناھلىق تىلىگەن، نۆۋەتتە ئۇ شىۋىتسارىيىدە ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.