جەۋھەر ئىلھام: «خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىغا تۇتقۇن مۇئامىلىسى خىتاي خەلقىدە ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىسى، پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا قوللانغان قاتتىق قول تەدبىرلىرىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلەرنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ سۆزلەرنى شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جەرھەۋ ئىلھام 21‏-فېۋرال فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان. جەرھەر ئىلھامنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا تەكتىلىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا خىتاي پۇقرالىرىغا قوللانغان قاتتىق قول تەدبىرلىرى خىتاي خەلقىدە ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلىغان تاجىسىمان كورونا ۋىرۇسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن خىتاينى قاپلىغان ۋە پۈتۈن ئۆلكە-شەھەرلەر قامال قىلىنغان. دائىرىلەر نۇرغۇن شەھەر-يېزىلاردا پۇقرالارنىڭ تالاغا چىقىشىنى چەكلەپ، ئون مىليونلىغان كىشىنى ئۆيلىرىگە نەزەربەنت قىلغان. نەزەربەنت ئاستىدىكى پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئاچارچىلىق ۋە تىببئىي ياردەمگە ئېرىشەلمەسلىك خەۋپى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغاپ كەلگەن ئىدى. 

جەۋھەر ئىلھام خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ خىتاي خەلقىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان دىققەت ۋە ھېسسىداشلىقنى قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «مانا ھازىر بۇ خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نىشانغا ئايلانغان بىردىن-بىر خەلق ئەمەسلىكىنى ئويلايدىغان ۋاقتى،» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «بۇ بىر دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بىر كىملىك مەسىلىسىمۇ ئەمەس، بەلكى بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» ئىكەن. جەۋھەر ئىلھامنىڭ دادىسى ئىلھام توختى 2014‏-يىلى قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى خەلقارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت