ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشتى

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2019-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام قاتارلىق 27 ۋەكىلنى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ ۋەكىللەر ئاساسەن خىتاي، شىمالىي كورېيە، بىرما، ئىران ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىنىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار بولۇپ، بۇ ۋەكىللەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىغا كەلگەن مېھمانلاردىن تەشكىل تاپقان.

پرېزىدېنت ترامپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىنىدە: «بۈگۈن بىز بىلەن بىرگە بولغانلار بولسا ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوخشاش بولمىغان دىنىي ئەنئەنىگە ئېتىقاد قىلىدىغان ئەر-ئاياللاردۇر. ھەممىڭلارنىڭ ئورتاقلىقى بولسا ھەر بىرىڭلار ئۆز دۆلىتىڭلاردا دىنىي ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن زور زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىڭلار. . . بىز ئامېرىكىدا ھەر دائىم ھوقۇقلارنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىدىن كېلىدۇ دەپ چۈشىنىمىز» دېگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام پرېزىدېنت ترامپقا: «مېنىڭ دادامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1-3 مىليون ئۇيغۇر خەلقى ھازىر خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا سولانماقتا. مېنىڭ دادام ھازىر مۇددەتسىز قاماقتا ياتماقتا» دەپ سۆزى تېخى ئاخىرلاشمىغىنىدا، پرېزىدېنت ترامپ جەۋھەردىن: «سىزنىڭ دادىڭىز تۈرمىدە ياتقىلى قانچە يىل بولدى؟» دەپ سورىدى. جەۋھەر جاۋابەن: «ئۇ تۈرمىدە ياتقىلى 5 يىل بولدى. ئۇ يەنە تۈرمىدە قانچىلىك ياتىدۇ ئۇنى بىلمەيمىز» دېدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ جەۋھەر ئىلھام قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشۈشى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا سولانغان بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ناھايىتى خوش بولدى.

جەۋھەر ئىلھام مەشھۇر ئۇيغۇر پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ قىزى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دادىسىنىڭ تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئۈچۈن 2014-يىلى مۇددەتسىز قاماق جازىسى بەرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پروفېسسور ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ئۇنى 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت