جوۋ بايدىن: ئامېرىكا خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىنى ئېىتراپ قىلمايدۇ

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-12-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتايدىن قايتىپ جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئامېرىكىنىڭ خىتاي يېقىندا ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلىۋالغان ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىنى ئېىتراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جوۋ بايدىن بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى جەريانىدىمۇ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن.

جوۋ بايدىن جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى پارك گېئۇن ھې بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونى ۋە بۇ خۇسۇسىدا خىتاي تەرەپكە بىلدۈرگەنلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەن پرېزىدېنت ئوباماغا ۋاكالىتەن شۇنى ئېنىق تەكتىلىدىمكى، ئامېرىكا بۇ كىملىك رايونىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىز تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا شەرقىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلارنى ئۆز ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، جىددىيلىك قوزغىغان.

ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئاقساراي دئىرىلىرىمۇ پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ بۇ كىملىك رايونىنى «قوبۇل قىلغىنى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى ۋە خىتاينى بۇنى ئىجرا قىلماسلىققا چاقىردى.

ئاقساراي باياناتچىسى جېي كارنېي خىتيانىڭ «خەتەرلىك ۋە ئىغۋاگەرچىلىك» تۈسىدىكى بۇ قىلىقىنىڭ مەزكۇر رايوننى كرىزىس پاتقىقىغا سۆرەپ كېرىش خەتىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايمىز ۋە قوبۇل قىلمايمىز، شۇداقلا مەزكۇر رايوندىكى ھەربىي قىسملىرىمىزنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتمەيمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت