كەلگۈسى پرېزىدېنت جوۋ بايدىن خىتاي ۋە ھىندىستاندا زۇلۇم كۆرۈۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىغا يېتىشكە چاقىرىلدى

2021.01.07

ئامېرىكانىڭ يېقىندا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدىغان پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى.

بۇ چاقىرىق «تاشقى سىياسەت» ژورنىلىدا ئامېرىكانىڭ ئوباما ھۆكۈمىتى ۋە ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىللىرىدە دىنىي ئاز سانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە مەسلىھەتچى ۋەزىپىسىىنى ئۆتىگەن سابىق مەسلىھەتچىسى نوكس تېيماس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇ ماقالىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىسى جوۋ بايدىننىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپىنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ ماقالىسدە ئۆزىنىڭ 20 يىللىق تەكشۈرۈش ۋە خىزمەت تەجرىبىسى بويىچە دۇنيادا ئەڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرايدىغانلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆزلىرى ئاز سانلىق بولغان يەرلەردىلا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇنىڭدا خىتاي، ھىندىستان، بېرما ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ خىتاي ھەققىدە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قاتتىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر رايوندا قۇرۇلغان 1000 دىن ئوشۇق لاگېرلاردا ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمان بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ساقال قويۇش، ھاراق ئىچمەسلىك ۋە روزى تۇتۇشقا ئوخشاش ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ئادەتلىرى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

سابىق مەسلىھەتچى نوكس تېيماس خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى سەۋەبلىك ئىسلام دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ۋە «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» تەرىپىدىنمۇ تەنقىدلەنمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم بۇ دۆلەتلەرنى جازالىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ترامپ ھۆكۈمىتى قوللانغاندەك كونكىرېت جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.