بايدېن ھۆكۈمىتى بارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-03-02
Share

CNBC ئاگىنلىتقىنىڭ 2-مارت بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتلىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى سودا كۈنتەرتىپى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «قوللىنىشقا بولىدىغان بارلىق ئۇسۇللار» ئارقىلىق خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

2-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا مەمۇرىي ئورگانلار ئىشلىتىدىغان ئۇسۇللار ئېنىق يېزىلمىغان، ئەمما پرېزىدېنت بايدېن ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىكىلەرنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خىتاي ۋە باشقا سودا شېرىكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار رەسمىيلەشتۈرۈلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ سودا جەھەتتىكى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى بىزدىن بۇنىڭدىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىستراتېگىيە ۋە تېخىمۇ سىستېمىلىق مۇئامىلە تۇتۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.»

دوكلاتتا يەنە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى «بىرىنچى مۇھىم ئىش» قاتارىغا كىرگۈزۈشى تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىندىن بۇيانقى بىر قاتار سىياسەتلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ سودا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا قارشى قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت