دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بۇ يىللىق مۇقەددەس رامازان ئېيىنى كۈتۈۋالغان پەيتتە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن رامازان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا ئۆزى ۋە خانىمى جىل بايدېننىڭ «ئامېرىكادىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى بۇ يىللىق مۇقەددەس رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىنى ئىزاھار قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
پرېزىدېنت جوۋ بايدېن رامازانلىق تەبرىك باياناتىدا يەنە ئامېرىكانىڭ تۈرلۈك قېيىنچىلىقلار ئاستىدا تۇرۇۋاتقان، بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ سۆزنى قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ھوقۇقى بولغان تىنچ ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ھالەتتىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىش قىلىش، دۇئا قىلىش ۋە ئۆگىتىش ھوقۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى زۇلۇمغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار - جۈملىدىن خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، بېرمادىكى روھىنگالار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار بىلەن داۋاملىق بىر سەپتە تۇرىدۇ.»
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن يەنە تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
جوۋ بايدېن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ پەن-تېخنىكا، سەنئەت، ئىلىم-پەن، قانۇن ۋە مېدىتسىنا، سودا ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىىسنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇ، «ئامېرىكادىكى پەرقلىق مەدەنىيەتلەر ۋە دىنلارنىڭ بىر ئارىغا كېلىپ ئامېرىكانى تېخىمۇ باراۋەر، تېخىمۇ ئادىل، كەڭ قورساق ۋە تېخىمۇ مېھرىبان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى»نىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
