خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قۇربان نىياز «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.03.04

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق بىر گەۋدىسى» نى مۇستەھكەملەپ، خىتايدىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرى، شۇنداقلا ياش-ئۆسمۈرلەرنى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە» دېگەن ئاڭ بويىچە تەربىيەلەپ، «جۇڭخۇا مىللىتى» ئېڭىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى.

يېقىندا خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان قۇربان نىيازنىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مائارىپ بىلەن سىڭدۈرۈشتىكى ئىلغار ئىش-ئىزلىرى» ۋە «قىممەتلىك تەجرىبىلىرى» ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان. قۇربان نىياز 2003-يىل ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرىدا «دۆلەت تىلى مەكتىپى» قۇرغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر بالىلىرىغا سىڭدۈرۈشتە ۋە ئاۋامغا تەربىيە بېرىشتە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان ئاكتىپلاردىن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ قېتىم تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قۇربان نىياز ئاقسۇ تەۋەسىدىلا ئەمەس قەشقەر، خوتەن، تاشقورغان قاتارلىق جايلاردىمۇ كۆپ قېتىم «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى تونۇشتۇرۇپ لېكسىيە سۆزلىگەن؛ خەلقنىڭ بارغانچە خىتايچە سۆزلەيدىغان، چاغاندا جۇۋاۋا تۈگىدىغان، ئىشىككە خىتايچە مەسنەۋى چاپلايدىغان بولۇپ كەتكىنىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان قۇربان نىياز، ئۇلارنى «ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نىڭ مۈشكۈل، ئەمما شەرەپلىك ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتايچىنى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا «چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش» تا چوڭ نەتىجە قازىنىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان قۇربان نىياز يەنە 2022-يىل بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى كۆتۈرگەن. يېقىندا ئۇ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىغا بارغاندا مۇخبىرلارغا ئۆز تەجرىبىلىرىنى سۆزلىگەن بولۇپ، ئېرىشكەن نەتىجىلىرى بىلەن بىرگە يەنە ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈشنىڭ تەسلىكى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ تەسلىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەيۋاتقانلىقى دېگەندەك قىيىنچىلىقلارنى تىلغا ئالغان.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆز مەدەنىيىتىنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشنى ئاۋۋال مائارىپتىن ۋە بۇ ساھەدىكى قۇربان نىيازدەك ئاكتىپلاردىن باشلىغان بولۇپ، ئاۋام خەلقنى بالىلىرىدىن باشلاپ خىتايچە سۆزلەيدىغان ۋە خىتاي مەدەنىيىتى بويىچە ياشايدىغان قىلىش ئۈچۈن ھەسسىلەپ كۈچ سەرپ قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.