بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 76 مىڭ نەپەر كادىر يېزا-كەنتلەرگە ئەۋەتىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.01.31

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بۇ يىل يەنە 12مىڭ خىزمەت ئەترىتى ۋە 76 مىڭ نەپەر كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرىدىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 2017-يىلىدا «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار خىزمەت ئەترىتى» دېگەن نام بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن كادىرلار قوشۇنىنىڭ 60 پىرسەنتىنى داۋاملىق يەنە كەنتلەردە ئېلىپ قېلىشنى ۋە يەنە يېڭىدىن 40 پىرسەنت كادىرنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلغان ئىكەن. قارارغا ئاساسەن، 2018-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن يەنە 76 مىڭ نەپەر كادىر تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشكە باشلىغان، ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇددىتىمۇ 3 يىلغا ئۇزارتىلغان.

مەزكۇر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ھالدا كەنتلەرنىڭ پارتىيە بىرىنچى سېكرېتارلىرىنىمۇ ئۈرۈمچى بەلگىلىگەن كادىرلاردىن ياكى «بىڭتۇەن» ۋە ياكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىدارىلىرىنىڭ كادىرلىرىدىن بېكىتىشكە باشلىغان. 

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى قاراردىن قارىغاندا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى كەنت سېكرېتارلىرىنىڭ خىتايلاردىن بېكىتىلىشى ئومۇملىشىپ، يۇقىرىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارىدىن تارتىپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا-كەنتلەرگىچە بولغان پۈتۈن باشقۇرۇش سىستېمىسىدا بىر تۇتاش خىتاي سېكرېتارلار ھەممىنى قاتتىق باشقۇرۇش تورى ھاسىل قىلىنىدىكەن. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەن 67 يىلدىن بۇيان «پارتىيە ھەممىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ» دېگەن شوئار بىلەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە سېكرېتارلىق ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتايلارنىڭ ئىگىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. 

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى باشقۇرۇشنى مۇقىملىق يارىتىش ۋە كۈچەيتىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل سۈپىتىدە چىڭ تۇتماقتا. ئۇلار بىر قانچە يىلىدىن بۇيان زور ساندىكى كادىرلارنى يېزا-كەنتلەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆيمۇ-كىرىپ، پارتىيە تەشۋىقاتىنى قىلىش، ئەسەبىيلىككە قارشى نۇتۇق سۆزلەش ۋە ھەتتا يېزىلاردىكى «قوش تىل» يەسلىلىرىنى باشقۇرۇش، خىتاي تىلى ئۆگىتىش قاتارلىق ئىشلارغا سالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.