كانادا پارلامېنتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھەيئىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى
كانادا پارلامېنتى دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا تەرەققىيات دائىمىي كومىتېتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھەيئىتى 21-ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى.
مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇلارنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالى ۋە بۇنى ئېنىقلاش، ئىسپاتلاش جەريانى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى، ئومۇميۈزلۈك تەقىب ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى، كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ چەكلىنىشى، قاتتىق بېسىم بىلەن باشقۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
كانادا «يەر شارى پوچتا گېزىتى» نىڭ 21-ئۆكتەبىر بۇ دوكلات ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ دوكلات ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بىز دوكلاتتا ئېيتىلغان قورقۇنچلۇق خەۋەرلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە تۇيدۇق. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. كانادا ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەيىبلەشكە ناھايىتى جىددىي قارايدۇ. بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشكە تىرىشىمىز» دېگەن.