كانادادىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، كانادا پارلامېنتىنى لاگېرلار مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.10.01

كانادادىكى ئۇيغۇرلار 1‏-ئۆكتەبىر كانادا پايتەختى ئوتتوۋادا نامايىش قىلىپ، كانادا پارلامېنتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشقا، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

نامايىشقا كانادانىڭ تورونتو، مونتېرېئال قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئولتۇرۇشلۇق تەخمىنەن 300 دەك ئۇيغۇر كېلىپ قاتناشقان. نامايىشچىلار كانادا پارلامېنتىغا تەلەپ قويۇپ، خىتايدىن لاگېرلارنى تاقاشنى، لاگېرلاردىكى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى، ئۇيغۇر كانادا پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشقا شۇنداقلا بۇ يولدا دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.

ئوتتوۋادىكى مەزكۇر نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپلا قالماي، ئۇلارنى مەخپىي سوتلاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىچكىرىگە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ بىر مەزگىل توختايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىنلا لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پويىز ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان. يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا 2 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ قەشقەردىكى بىر لاگېردىن پويىز ئارقىلىق ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاقسۇ تاشيول ئىدارىسى، كۇچا ناھىيەلىك قاتناش ئىدارىسى، ج خ ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، 217‏- نومۇرلۇق مايتاغ-كۇچار تاشيولىدا 30‏-سېنتەبىردىن كېلەر يىلى 30 ‏-ئاپرېلغىچە قاتناش توختايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا قاتناشنىڭ تەلەمەت داۋىنىغا قېلىن قار يېغىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك توختايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۆزەتكۈچىلەردە «دائىرىلەر بۇ يول ئارقىلىق لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى يۆتكەمدۇ؟» دېگەندەك گۇمان پەيدا قىلغان.

ئوتتوۋادىكى نامايىش خىتاينىڭ 1‏-ئۆكتەبىر «دۆلەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ بىر قىسىم دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شۇ خىلدىكى نامايىش ۋە نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.