كانادا ھۆكۈمىتى كانادا شىركەتلىرىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە چېتىلىپ قېلىشتىن چەكلىدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-01-13
Share

كانادا رادىيو شىركىتى (CBC) تورىنىڭ 12-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، كانادا فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى كانادا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 12-يانۋار بىر يۈرۈش يېڭى بەلگىلىملەرنى ئېلان قىلغان.

بۇ بەلگىلىملەردە خىتايدا سودا قىلىۋاتقان كانادا شىركەتلىرىگە يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەگەر كانادانىڭ مەھسۇلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىنسانلارنى نازارەت قىلىش، باستۇرۇش، خالىغانچە تۇتۇش ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق بولۇپ قالسا، خىتايغا ئېكسپورت قىلىنمايدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ئاللىبۇرۇن چەكلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ سودا كېلىشىمىدە بۇ شەرتلەر بار ئىكەن. يېڭى بەلگىلىمىدە، كانادا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەقىقەتەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھەمدە مال تەمىنلىگۈچى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ياكى مۇلازىمىتىنى مەقسەتلىك ھالدا سېتىۋالمىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ يېڭى بەلگىلىمە ئەنگلىيەنىڭ جازا تەدبىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەنگىلىيە گەرچە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلمىغان شىركەتلەرگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، كانادا تېخى بۇ تەدبىرنى يولغا قويمىغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە زامانىۋى قۇللۇق سىياسىتىنىڭ خەلقئارادا بارغانسېرى كۈچلۈك تەنقىد ۋە بېسىمغا ئۇچرىشى كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ بەلگىلىملەرنى چىقىرىشقا قىستىغان بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ زالىم ئەمەلدارلىرىنى «ماگنىتىسكى قانۇنى» بويچە جازالاشقا ئالدىرىماي، ئالدى بىلەن پارلامېنتتىكى بىر كومتېت ئارقىلىق خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» دەپ بېكىتىشكە چاقىرىق قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت