كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سودا تورىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكىمەكچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.01.13

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئۈچ يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا لايىھەسى تەدرىجىي ھالدا كانادانىڭ سودا ئىشلىرىدا خىتايغا تايىنىپ قېلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

«يەرشارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-يانۋاردىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش خاراكتېر جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا قارشى ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن. كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىزنى ئاجايىپ ئۇستاتلىق بىلەن ئوينىتىپ كەلگەن. ئەمدى غەرب دۇنياسى بۇنىڭغا قارشى ئورنىدىن دەست تۇرمىسا بولمايدۇ» دېگەن.

11-يانۋار كۈنى كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى مارىي ناگ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ ۋە قوغدىنىش مەسىلىلىرى بويىچە تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتكە كىرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەتىسى خىتاي ھۆكۈمىتى كانادانىڭ تەيۋەن بىلەن سودا سۆھبىتىدە بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە «تەيۋەن ئەزەلدىن بىزنىڭ ئاجرالماس تېرىتورىيەمىز ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسى بولغان ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىدە بولۇشىغا بىز قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن.

ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملىق كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدىن كۆپلىگەن ساۋاقلارنى ئالماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ 2019-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خۇاۋېي گۇرۇھى» غا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن جازا ئورنىدا كانادا ئىشلەپچىقارغان چوشقا گۆشى، قىچا ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختاتقانلىقى خىتاي بىلەن بولىدىغان سودىدىكى تۈرلۈك خەتەرلەرنى ھەر ساھە كىشىلىرىگە بەكمۇ ئوچۇق نامايان قىلغان. كانادانىڭ تەيۋەندىكى باش دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولغان مارىيو ستېمارى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىزنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن تېخىۇ كۈچلۈك ئالاقە تورى بەرپا قىلىش، شۇ ئارقىلىق خىتاينى كانادانىڭ كەلگۈسىگە ئانچە زور تەسىر كۆرسىتەلمەس قىلىش ئۈچۈندۇر» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.