كانادالىق مۇتەخەسسىس: «ۋەزىپىسىدىن چەتنىگەن خىتاي دىپلوماتلار چېگرادىن چىقىرىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.14

كانادالىق مۇتەخەسسىس چارلېس بارتون بۈگۈن ماقال ئېلان قىلىپ، كانادانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەردە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە چاقىردى.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغانسېرى ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى دۇنياغا تېڭىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر ماقالىدا كانادادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ چەتئەللەردىن كەلگەن ئىئانە پۇللىرىنى قوبۇل قىلماسلىقى، پېنسىيەگە چىققان سىياسىيونلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىلگىرىكى خىزمەت مۇناسىۋىتى تورىدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ۋەزىپە ۋە ھوقۇق دائىرىسىدىن چەتنىگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «كانادادىكى خىتاي دىپلوماتلىرى كانادادا ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتلار، تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل شەكىلدە تەھدىت سالماقتا. بۇنداق ھەددىنى بىلمىگەن دىپلوماتلارنىڭ ۋىزىسى ئۇزارتىلماسلىقى كېرەك، ھەتتا مۆرىتى كەلگەندە ئۇلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك.»

مەزكۇر ماقالىدا غەرب دۆلەتلىرىدىكى كۆپلىگەن تەتقىقات ئورۇنلىرى خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىشى مەسىلىسى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇلغان. ماقالىدا يەنە كاناداغا ساختا قىياپەت بىلەن كىرگەن خىتاي جاسۇسلىرىنى بايقاش ۋە جازالىشىنىڭمۇ زۆرۈرلۈكى ئەسكەرتىلگەن. كانادادا ھەر ۋاقىت خىتاينى ئاقلايدىغان ياكى ياقلايدىغان سىياسىيونلارنىڭ ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بۇ ماقالىدا، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان شەخسىي مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆزدىن كۆچۈرۈلۈشى تەۋسىيە قىلىنغان. ماقالىدا كانادا دائىرىلىنىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن بولغان كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالە ئاپتورى چارلېس بۇرتون كانادادىكى بروك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى كانادانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.