كانادا باش مىنىستىرى دېرىدو خىتاي بىلەن 3 خىل سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.12.04

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تېرىدو دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن 3 خىل سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ خەلق سارىيىدىكى مۇراسىمدا ئىمزالانغان كېلىشىم ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەرىكەت پىلانى، يېمەكلىك مەھسۇلاتى.... قاتارلىقلار ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. لېكىن خەۋەردە، كېلىشىمنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

تېرىدونىڭ زىيارىتى 3‏-دېكابىر باشلانغان. ئۇ دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «كانادا ھازىرمۇ، بۇرۇنمۇ ئىزچىل تىجارەتچى دۆلەت بولۇپ كەلدى. لېكىن ھازىر سودا بازىرى ئالماشتى. بىز بۇنىڭغا ماسلىشىشىمىز كېرەك» دېگەن. بىراق جاستىن تېرىدو خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن كانادا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ سودىغىلا مەركەزلىشىپ قالماسلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بولۇپمۇ خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقرالىرىنىڭ مەسىلىسىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

تېرودى خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن «باشقۇرۇشنى ياخشى ئېلىپ بېرىش، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر» نى تولۇق ۋە دوستانە مۇزاكىرە قىلىش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تېرىدونىڭ زىيارىتى سودىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا يەنىلا قاراپ بىر نېمە دېيىشكە توغرا كېلىدىكەن.

بۇ تېرىدونىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئولتۇرغان ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاينى 2‏-قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ زىيارىتى كانادانىڭ ئامېرىكا ۋە مېكسىكا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتا تۈزۈش سۆھبىتى باشلانغان، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ سۆھبەتنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ، دەپ قاراۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.