كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي تونۇغان

2021.02.22

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 22-فېۋرال كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىلدى. نەتىجىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن بۇ جىنايىتى 0 گە قارشى 266 ئاۋاز بىلەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي تونۇغان بولدى.

كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسى 18-فېۋرال كانادا پارلامېنتىدا پۈتۈن كۈن مۇنازىرە قىلىنغان بولۇپ، ئاۋام پالاتاسىدىكى كونسېرۋاتىپلاردىن بولغان گارنېت گېينىيۇس قاتارلىقلار خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشتە چىڭ تۇرغان ۋە كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرىنى قايىل قىلغان. بۇ قانۇن لايىھەسىدە كانادانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى ئامېرىكاغا ئوخشاش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش، شۇنداقلا خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىغا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتتە ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.