كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-03-05
Share

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو خىتاينى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ «مۇمكىن بولغان ئاقىۋەتلىرى» دىن ئاگاھلاندۇرغان. كانادادىكى «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش مىنىستېر ترۇدو، خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ پېيۋۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى، مەجبۇرى ئەمگەككە سالغانلىقى ۋە يۇرت ماكانلىرىدىن كۆچۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئارقىدىنلا بۇ سوزلەرنى قىلغان. سۇڭ پېيۋۇ 3-مارت ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۇپ، خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى «بۇ ئەسىردىكى يالغانچىلىق» دېگەن ئىدى.

بىراق ترۇدو چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا «بۇ توغرۇلۇق پۈتۈن دۇنيا ئەندىشىسىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. كانادا پارلامېنتى بۇنىڭدىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىدى،» دېگەن. ئۇ يەنە «بىز خەلقئارالىق ئىتتىپاقدشلىرىمىز بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، مۇمكىن بولغان ئاقىۋەتلەر دائىرىسىدە ھەم ئېنىق بىر جاۋاپ ئېلىش ھەم مەسئۇلىيىتى بارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىدىغانلىقىمىزنى قەيت قىلىمىز،» دەپ كۆرسەتكەن.

كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى تېخى يېقىندا بىردەك ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ترۇدو يەنە بېيجىڭغا قارىتىلغان ھەرقانداق ئىمبارگونىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئاساستا بولۇشى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ترۇدو بۇ سۆزلەرنى كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراۋاتقاندا ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت