كانادا ئۆكتىچى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ھوقۇق تۇتسا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.11.20

كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە-كونسېرىۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېرىن ئوتول، ئەگەر سايلامدا غەلىبە قىلىپ قالسا خىتايغا قاتتىق قول بولىدىغانلىقى، ئامېرىكاغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگەنتلىقىنىڭ 20-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئېرىن ئوتول مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تېرىدو ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، «تېرىدو ھۆكۈمىتى سايلانغاندىن بېرى خىتايغا قەدەممۇ-قەدەم يول قويۇپ ۋە ساددىلىق قىلىپ كەلدى» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ سايلىنىپ قالسا تېرىدو ھۆكۈمىتىدەك «پەقەت سودا ئۈچۈن كانادانىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى، قىممەت قارىشى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قۇربان قىلمايدىكەن». ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكانى ئۈلگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇنداق سىياسەت مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشتىلىۋاتقان ئورۇنلارغا قەدەر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، «كانادالىقلارنىڭ بۇنداق ئەمگەك شارائىتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

لېكىن رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر تېرىدو 19-نويابىر ئاسىيا-تىنچ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تور يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دۆلەتلەرنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مەيلى ئۇ خوڭكوڭ ياكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئالاقىداق بولسۇن بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.