خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پرېزىدېنت ماكروننى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە شى جىنپىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى كېننىس روت فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرونغا مەكتۇپ يېزىپ، ماكروننى فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

مەكتۇبتا پرېزىدېنت ماكروننىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى «يوشۇرماسلىقى» ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ 24‏-مارتتىن 26‏-مارتقىچە فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن. ئۇ 22‏-مارت كۈنى ئىتالىيەگە يېتىپ كەلگەن. مەزكۇر مەكتۇپ 22‏-مارت كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىندى.

كېننىس روت مەكتۇبتا «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە زىيارىتى پرېزىدېنت ماكروننىڭ شىنجاڭدا جازالاشقا ئۇچراۋاتقان تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىشەنچلىك خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت» دېگەن. كېننىس روتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ماكرون خىتايدا نەچچە ئون يىللاردىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا شى جىنپىڭغا رىقابەت ئېلان قىلىپ، ئەركىنلىك، ئادالەت مەسىلىلىرىدەك ئۆزى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ‹ئورتاق قىممەت قاراشلىرى› نى نامايان قىلىشى كېرەك» ئىكەن. مەكتۇبتا ماكروننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ب د ت نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش، گۇي مىڭخەي، خۇاڭ چى، ئىلھام توختى، تاشى ۋاڭچۇك، گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق تەلەپلەردە بولۇشى تەكىتلەنگەن.

شى جىنپىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قاماپ، خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ياۋروپادا زىيارەتتە بولدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت