خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ «بىخەتەرلىك» نامىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.01

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكى» دېگەن نامدا يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە قول قويغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئەمما خىتاي ئىزچىل ھالدا «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش يولىدىكى زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز،» دېگەن باھانىدە پۇقرالارنى پاراكەندە قىلىش، خالىغانچە قولغا ئېلىش، تەھدىت سېلىش، تۈرمىگە قاماش، ناھەق سوتلاش، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى سىياسەتلەرنى كۆپلەپ ئىجرا قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ خىتايدا «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» كۈرىشىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يەنە ئۆز ئالدىغا تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزاملىرىنى ماقۇللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغان.

دوكلاتتا يەنە 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە باستۇرۇشنى باشلىغانلىقى، بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇق قىلىپ، كەلگەنلىرىنى ئۇدۇللۇق قولغا ئالغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىشتە ئەڭ گەۋدىلىك بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ دوكلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 2018-يىلى نويابىر ئېيىدا ئېچىلماقچى بولغان ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش يىغىنىغا تەييارلانغان بولۇپ، بۇ يىغىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ بىر قاتار تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.