خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-10-02
Share

1-ئۆكتەبىر كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كوۋادونگا كامپا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى جاڭ مىڭغا مەكتۇپ يوللىدى.

مەزكۇر مەكتۇپتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەمدە «تەربىيەلەش» مەركەزلىرىدە تۇتقۇنلارنىڭ سىياسىي مەۋقەسىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى قاتتىق ئەيىبلەندى.

مەزكۇر مەكتۇپتا ئۇيغۇرلارنىڭ زور ساندا غايىب بولۇپ كېتىشى ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن شاھىتلار بىلەن سۆھبەتلەر بولغانلىقى، نۆۋەتتە بۇ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىش، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ئىنكار قىلىش، شۇنىڭدەك خىتاي دۆلىتىگە بولغان مۇتلەق ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ئىسپاتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ خانىۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.

مەكتۇپتا ھەرقانداق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بارلىقى، ئەمما بۇنى باھانە قىلىپ پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ھەقلىرىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدا زادى نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىش، كىشىلەرنى خالىغانچە قولغا ئېلىشقا خاتىمە بېرىش، «تەربىيەلەش» لاگېرىدىكىلەرنى تېزدىن قويۇۋېتىشكە چاقىرىدۇ.

مەكتۇپتا ئالاھىدە قىلىپ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنى خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ماس ھالدا خىتاي بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددىي سۆزلىشىشكە چاقىرىمىز» دېيىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت