كېنىيىدە قارا تەنلىك خېرىدارلارنى قوبۇل قىلمىغان بىر خىتاي ئاشخانىسى نارازىلىق پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.03.25


ئافرىقا دۆلىتى كېنىيىدە ئاشخانا ئاچقان بىر خىتاي خوجايىن ئاشخانىسىغا ئافرىقىلىق خېرىدارلارنى ئالمىغاندىن كېيىن ۋەقە قاتتىق ئىنكاس قوزغىغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافرىقا پايتەختى نايروبىغا جايلاشقان بۇ خىتاي ئاشخانىسى پەقەتلا خىتاي خېرىدارلارنى ياكى قارا تەنلىك بولمىغان باشقا ئېرقتىكىلەرنى قوبۇل قىلغان، بىراق قارا تەنلىك خېرىدارلار كەلسە ئۇنىڭ يېنىدا خىتاي ھەمراھى بولمىسا ئاشخانىغا كىرگۈزمىگەن. ئېرقچىلىق تۈسىنى ئالغان بۇ ھەرىكەت فېيىسبۇك ۋە تىۋىتتېر ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ، كەڭ ئىنكاس قوزغىغاندىن كېيىن نايروبى دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

نايروبى شەھەر باشلىقى ئىۋانس كىدېرو ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ئاشخانىنىڭ رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتلىق تاقالغانلىقىنى، رەسمىيەتلىرىنى يېڭىلىغان تەقدىردە قايتا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېنىيىدىكى كۈندىلىك گېزىت خەۋىرىدە، بۇ ئاشخانا خوجايىنىنىڭ ئېرقچى ھەرىكىتى سەۋەبىدىن كېنىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي خوجايىن ئۆزىنى ئاقلاپ، ئاشخانىسى 2013 - يىلى بۇلانغان بولغاچقا، بۇنداق بىر تەدبىر ئالغانلىقىنى ئېيتقان.

كېنىيىدە چىقىدىغان «ئۆلچەم گېزىتى» بولسا شەھەر باشلىقىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ «بارلىق تىجارىي ئورۇنلار، مۇلازىمەت ئورۇنلىرى خېرىدارلارنىڭ ئىنسانلىق غورۇرىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئېرق، رەڭ، جىنس، دىن ۋە قەبىلە ئايرىمىچىلىقى قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېگەن. مەزكۇر ۋەقە خىتاي شېركەتلىرى ۋە ئۇلار بىلەن كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ئافرىقىدا بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىش ۋەقەسىنىمۇ يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە ئەكىلىپ، قاتتىق جامائەت پىكرى پەيدا قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.