كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014-02-13
Share

12 - فېۋرال كۈنى كېرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالدى. «فېيىسبوك» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر بايان قىلىشقان مۇھاجىر ئۇيغۇرلار خىتاي تەرەپنىڭ ھازىرغا ئاپەتتە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار ھەققىدە تەپسىلىي ۋە ئىشەنچلىك مەلۇمات بەرمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىشتى.

خىتاي «خەلق گېزىتى» دىن «تەڭرىتاغ تورى» غا قەدەر خىتاينىڭ بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كېرىيەدىكى ئاپەت ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، بۇ يوليورۇقنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەققىدە توختالمىدى.

تۈنۈگۈن رادىئومىز مۇخبىرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاھالىلەرنى تېلېفوندا زىيارەت قىلىشىچە، ئاھالىلەر ھازىرغا قەدەر ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا كېرەك بولغان ھېچقانداق بىر ماددىي ئەشياغا ئېرىشمىگەن.

خىتاينىڭ 7.3بال يەر تەۋرەشتە «كىشىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىدى» دەپ خەۋەر بېرىشى، ئاپەت ۋە ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت