ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى ئىراقنى زىيارەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-03-24
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى مەملىكەتلەردە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى 24 - مارت كۈنى تۇيۇقسىز ئىراقنى زىيارەت قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازى كېررىنىڭ بۇ سەپىرىنى ئىلگىرىدىن ئېلان قىلىنمىغان زىيارەت دەپ ئاتىغان بولۇپ، كېررى ئىراق رەھبىرى نۇرى مالىكى بىلەن ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم قوشنا سۈرىيىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە باشقا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان. كېررىنىڭ مەقسىتى ئىراقنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ھەمدە ئىراق زېمىننىڭ ئىراندىن سۈرىيىگە ئەۋەتىلىدىغان قورال - ياراقلار باسقان ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش يولى بولۇشىنى توختىتىش ھەم باشقىلار ئىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كېررى پرېزىدېنت ئوباما بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت