كىرىيە ناھىيىسى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى دوپپا كىيىپ، ياغلىق ئارتىپ مەكتەپكە كىرىشنى چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.03.21

خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدىكى يېڭىباغ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى دەرۋازىسىغا ۋېۋىسكا ئېسىپ، كىشىلەرنىڭ دوپپا كىيىپ ۋە ياغلىق ئارتىپ مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلىگەن. مەكتەپنىڭ تۆمۈر دەرۋازىسىغا باش كىيىم كىيىپ مەكتەپكە كىرىش مەنئىي قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋېۋىسكا ئېسىلغان. ۋېۋىسكىنىڭ ئۇيغۇرچىسىدە «مەكتەپ ئىچىگە باش كىيىمىڭىزنى ئېلىۋېتىپ كىرىڭ» دەپ يېزىلغان. بىراق خىتايچىسىدە تېخىمۇ تەپسىلى قىلىپ، «دوپپا ۋە ياغلىق ئارتىپ مەكتەپكە كىرىشكە يول قويۇلمايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئادەتلىرىنى چەكلەش ئىلگىرىلەپ كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىندا ئۈرۈمچى 23 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوپپا كىيىشىنى چەكلەپ قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغان. دائىرىلەر دوپپا چەكلەنگەنلىكىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان ئىغۋا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى بىر خىتاي ئاھالىسى رادىئومىزغا پىكىر بىلدۈرۈپ، نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بەك گەۋدىلىك كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىپ ئىشقا كېلىشكە، دوپپا ۋە ياغلىق ئارتىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇشۇنداق بىر پەيتتە 21 - مارت نورۇز كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە دوپپا كىيىش دولقۇنى قوزغالغان. كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ چەكلىمىگە قارشى نارازىلىق سىگنالى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.