ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگرامما گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ يېڭى تېررور قانۇنى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.01

ۋاشىنگىتوندا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگرامما گۇرۇپپىسى 1 - فىۋرال كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا 1 - يانىۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان يېڭى تېررور قانۇنىغا قارىتا ئەندشىسنى بايان قىلدى. يېڭى قانۇندا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقسىز ۋە مۇجىمەللىكى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي قارشى پىكىرلىرىنى تۇنجۇقتۇرۇش ۋە خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ قانۇننىڭ رايون ۋەزىيىتىدە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ جىددىي ئاقىۋەتلەرنى تۇغدۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگرامما گۇرۇپپىسى بۇ باياناتىدا، دۇنيا جامائىتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تەرەپنىڭ يېڭى تېررور قانۇنى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي دائىرىلەر ۋە قوراللىق كۈچلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى تېخىمۇ ئاياق ئاستى قىلىش ئۈچۈن جاسارەتلەندۈرىۋاتقان ۋە يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.