ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «ئۆزبېكىستاننى لاگېرلاردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆزبېكلەرگە ئىگە بولۇشقا چاقىرىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.15

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېفنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان «شەرقىي تۈركىستان» دىكى ئۆزبېكلەرگە ئىگە بولۇشقا چاقىرغان.

نۇرى تۈركەل 15‏-فېۋرال «ئامېرىكا ئاۋازى» ئۆزبېك بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لاگېرلارغا قامالغان «شەرقىي تۈركىستان» دىكى ئۆزبېكلەر ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خېلى كۆپ كىشىنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ «ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋە پرېزىدېنتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئىمتىيازى ۋە خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆزبېك پۇقرالىرىغا ئىگە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز» دېگەن.

نۇرى تۈركەلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پرېزىدېنت مىرزىيايېفنىڭ يەنە «ئۆزبېكىستانغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئىز-دېرىكىنى قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشتىمۇ ۋىجدانى مەجبۇرىيىتى بار» ئىكەن. نۇرى تۈركەل بۇ تەشەببۇسنى پرېزىدېنت مىرزىيايېف شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى بۇ يىل 6‏-ئايدا قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىغىنغا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قاتنىشىدىكەن. لېكىن، خەۋەردە، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى، يېقىندا قىرغىزىستاندا خىتايغا قارشى نامايىش پارتلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

نۇرى تۈركەل يەنە، سابىق پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف دەۋرىدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ «ناھايىتى ئەجەبلىنەرلىك ۋە ئۈمىدسىزلىنەرلىك ھالەتتە» ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ «يېڭى ھۆكۈمەت ئورنىتىلغاندىن كېيىن، بۇ، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭلا ۋەزىيىتى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆزبېكلەرنىڭمۇ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر تاشقى سىياسەت پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ، دېگەن ئۈمىدتە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۆزبېكىستان ئىلگىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلاشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.