كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرىنى لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.29

خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاكىندا ئاردېرن خانىم 1‏-ئاپرېل كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن. بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر ئاردېرن خانىمنى زىيارەت داۋمىدا ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى.

جاكىندا خانىم يېقىندا يېڭى زېلاندىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىگە قارىتا ھەققانىي مەيدانى بىلەن خەلقئارا جامائەت ئىچىدە كۈچلۈك ئالقىشقا سازاۋەر بولغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا جاكىندا خانىمنىڭ مەزكۇر ۋەقەدە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشتا ئوينىغان خەلقئاراۋىي باشلامچىلىق رولىنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئەسلىتىلگەن مەزكۇر باياناتتا باش مىنىستىر جاكىندا خانىمدىن خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىگە بۇ «سىياسىي قايتا تەربىيە مەركەزلىرى» نى تاقاش ھەققىدە ئاشكارا گەپ قىلىش ۋە رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ رايونغا كىرىشىگە يول ئېچىش تەلەپ قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.