خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-04-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بەزى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارقا-ئارىقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، ئەگەر ب د ت ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراكىغا جىددىي قارىسا، دولقۇن ئەيسانى يىغىنغا كىرگۈزمەسلىكتەك بۇ ئادالەتسىزلىكنى دەرھال تۈزىتىشى، ئۇنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ب د ت ئىجتىمائىي ‏-ئىقتىسادىي كېڭىشىنىڭ 17‏-نۆۋەتلىك يىغىنى 16‏-ئاپرېل ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇزاكىرىگە قىلىنغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا باش شتابى گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» غا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان.

«ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر دولقۇن ئەيسانىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، لېكىن يىغىنغا ئاز قالغاندا ئۇنىڭ تەستىقى «بىخەتەرلىك ئەندىشىسى» سەۋەبلىك يەنە بىكار قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى توسىغان. مەزكۇت تەشكىلات ب د ت نىڭ ياردەمچى باش كاتىپى، خىتاي دىپلوماتى ليۇ جېنمىننىڭ بۇ يىغىنغا رەھبەرلىك قىلىشىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيساغا كېپىل بولغان گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلئىۇس پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ب د ت ئورگانلىرىنى مونوپول قىلىشقا ئۇرۇنىۋتاتقانلىقىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىغا مەقسەتلىك بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، دولقۇن ئەيسانىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنىڭ رەت قىلىنىشى ئۇنىڭ «ب د ت ئورگانلىرىنى مونوپول قىلىشتا مەلۇم نەتىنجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئېنىق سىگنالى» بولۇپ، دېموكراتىك دۆلەتلەر دەرھال ھەرىكەتكە كەلمىسە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت