خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلارنى تېزرەك جازالاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلىرىنى تېزرەك جازالاشقا چاقىرغان.

شىۋېتسارىيەدىكى نوپۇزلۇق خەۋەر ئورگانلىرىدىن بولغان «شىۋېتسارىيە ئۇچۇرلىرى» گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ناھايىتى جىددىي ئىقتىسادىي تەدبىرلەر بىلەن جازالىماقچى، ئەمما ئۇ بۇ تەدبىرلەرنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېغىر زۇلۇم يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تەتبىقلاشتا تەرەددۇت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

سوفى خانىم سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەت كرىزىسىغا سەۋەب بولۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى چوقۇم «يەرشارى ماگنېتىسكى قانۇنى» ئارقىلىق جازالىشى ۋە بۇنى دەرھال ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق يامانغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەتتە ھەرگىزمۇ ياخشىلىنىش يۈز بەرمىگەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق «شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى تاقا» خەشتەگى بىلەن ھەرىكەت قوزغىغانىدى. مەزكۇر ئورگان بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ مەسىلىگە يەنىمۇ كۆپ دىققەت قوزغاشنى ۋە ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىدى.

مەزكۇر ھەرىكەت ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان مەخسۇس تور سەھىپىسى ئىنگلىزچە، خىتايچە، ئەرەبچە ۋە فىرانسۇزچە 4 خىل تىل بويىچە تارقىتىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت