كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى چېن گۇاڭچېڭ خىتاينى دېموكراتىيىگە چاقىردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.06.25

تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭ 25-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن قانۇن مەھكىمىسىدە ئېچىلغان يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاينى دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشقا چاقىردى.

چېن گۇاڭچېڭ سۆزىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆز -ئۆزىدىن قورقۇش، بۇرۇقتۇم ھالىتى تەيۋەننىڭ 80-يىللاردىكى ھالىتىگە ئوخشايدۇ. مەن تەيۋەنگە دېموكراتىيىگە باشلايدىغان نوم ئالغىلى كەلدىم» دېگەن.

چېن گۇاڭچېڭ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ئىككى قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.