بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا دائىر بايانات ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز سادا
2018.09.18

بۈگۈن، يەنى 18-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-قېتىملىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرى» غا سولىغانلىقى ھەققىدىكى تېمىغا ئورۇن بېرىلدى.

بۇ قېتىملىق يىغىندا ئاۋسترىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەددىدىن ئاشقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، بۇ خىل لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىردى.

گېرمانىيە ۋەكىلى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق ھەق-ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەندىشىگە سالىدۇ. بىز خىتاينى ئاتالمىش لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە لاگېرلارنى دەرھال تاقاشقا چاقىرىمىز.»

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنگلىيە ۋەكىلى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تەخمىنەن بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش لاگىرى› دا تۇتۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشى بىزنىڭ ئىزچىل دىققىتىمىزنى تارتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىز خىتاينى شۇ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ھوقۇق مەنپەئەتىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا چاقىرىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىزچىل دۇنياغا بۇ لاگېرلارنى ئىدىيەۋى ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇقتىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى «داۋالاش» نى مەقسەت قىلغان بىر تەربىيەلەش مەركىزى دەپ كۆرسىتىپ كەلگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.