كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت نىڭ خىتايغا لاگېرلار مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 5‏-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا لاگېرلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 6‏-نويابىر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» تىن بىر كۈن ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتاينىڭ «پەرقلىق كىملىكنى سىياسىي ساداقەتسىزلىك»، دەپ قاراپ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر مىليوندەك تۈركىي مۇسۇلماننى سولىغان «سىياسىي تەربىيەلەش» مەركەزلىرىنى تاقىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن.

باياناتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى جون فىشېر مۇنداق دېگەن: «ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا ئۇنىڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش پۇرسىتى بار. ئۇلار بۇ پۇرسەتنى زىيان قىلماسلىقى كېرەك. . . . ئەگەر دۆلەتلەر بىرلىشىپ كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىسىنى ئىپادىلىسە، ئەگەر بېيجىڭنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئازراق بولسىمۇ ئىناۋىتىنى ئويلىسا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن بۇرۇن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلات ئۆزىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر مىليوندەك كىشىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىشى ھەققىدە كەسكىن سىگنال بېرىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق 4‏-نويابىر كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ قىياس قىلغۇسىز دەرىجىدە ناچارلىشىپ كەتكەن» لىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۆتكەن جۈمە كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان بىر يىغىندا رويتېرسقا سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «يۇقىرى ئاۋازدا كۈچلۈك سۆزلىشىنى كۈتىمىز» دېگەن. ب د ت نىڭ ئۆتكەن قېتىملىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنى 2013‏-يىلى ئېچىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت