كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىن پاختا ئىمپورت قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.09.01

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەسىلىسى ھەققىدە كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ساھە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەمىنات زەنجىرلىرىنى مەنئى قىلىش تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇشقا باشلىدى. 31-ئاۋغۇست كۈنى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلارنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كېلىدىغان «پاختا مەھسۇلاتىغا چېتىشلىق بارلىق ئىمپورت پائالىيىتىنى توختىتىش» قا چاقىردى.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى» غا تاپشۇرۇلغان ئوخشاش مەزمۇندىكى ئىككى خىل چاقىرىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىدا پاختا مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە بۇ ۋەزىيەتنى «پاختا گۇلاگى» دېگەن نامدا تەسۋىرلەشنىڭ مۇمكىن بولۇۋاتقانلىقى كۆپلىگەن ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكى، خىتايدىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 84 پىرسەنتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردا خىتاينىڭ 2018-يىلىلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىن سەككىز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى كىيىم-كېچەك ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلغانلىقى ئېيتىلغان. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەق ۋە ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ خىلدىكى ئىمپورتنى چەكلەش چاقىرىقى پەقەت كىچىككىنە بىر تىرىشچانلىق خالاس. ئەمما مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل دەپسەندىچىلىكنى توختىتىشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق چاقىرىقلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل چاقىرىقلار «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە ئىجابىي روللارنى ئوينايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.