خوڭكوڭدىكى غايىب كىتاب سودىگىرىنىڭ قىزى ئامېرىكىدىن دادىسى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلدى
2016.05.25
خوڭكوڭدا كىتاب تىجارىتى قىلغان غايىب سودىگەر گۈي مىنخەينىڭ قىزى ئانجېلا گۈي تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ غايىب دادىسىنىڭ تېپىلىشى ۋە قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
تېگى خىتاي مىللىتىدىن بولغان گۈي مىنخەي شىۋېتسىيە ۋەتەندىشى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى تايلاندقا سودا ئىشى بىلەن بېرىپ غايىب بولۇپ كەتكەن؛ ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندە خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىدا، 10 يىل بۇرۇن ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش ئاپتوموبىلدا بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن ئىقرار ۋە پۇشايمان باياناتى بېرىۋاتقان ھالەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن شىۋېتسىيە تەرەپ ۋەقەگە ئارىلىشىپ گۈي مىنخەينى بىر قېتىم قاماقخانىدا زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما گۈي مىنخەينىڭ ۋەزىيىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىغان.
گۈي مىنخەينىڭ قىزى تۈنۈگۈنكى يىغىندا دادىسى بىلەن بىر ئاي بۇرۇن بىر قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى، ئەمما دادىسىنىڭ نەدىلىكى ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن رەسمىي يوسۇندا خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ئامېرىكىدىن دادىسى ھەققىدە خىتايدىن داۋاملىق مەلۇمات سوراپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.









