«كىۋا» شىركىتى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرمەكچى
2016.04.22
«ياخۇ» تورىنىڭ ئىقتىساد سەھىپىسىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى «كىۋا بىئو-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىدىكى «داتاڭ يىپەك يولى سودا شىركىتى» بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كېلىشىم كىۋا شىركىتىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدا سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كىۋا شىركىتى ئامېرىكىدىكى بىئو-تېخنىكىلىق ئوغۇت ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ شىركەت بولۇپ، ئاساسەن يېزا ئىگىلىكىدىكى «يېشىل يېمەكلىك» ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ئورگانىك ئوغۇتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. ئۈرۈمچىدىكى داتاڭ يىپەك يولى سودا شىركىتى بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساتقۇچى ئەڭ چوڭ شىركەت ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئوغۇت بازىرىنىڭ 40 پىرسەنتىنى مەزكۇر شىركەت كونترول قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم كىۋا شىركىتى ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار ئاساسەن تەبىئىي ئوغۇت ۋە مېۋىلىك دەرەخلەر ئوغۇتى ئىكەن. كىۋا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جىممى جۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يىللىق سېتىش مىقدارىنىڭ 10 مىڭ توننا بولىدىغانلىقى، ئومۇمىي سېتىلىش سوممىسى 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.
ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئوغۇتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇنىڭ باھاسىنى كۆزدە تۇتقان ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى كىۋا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ ئوغۇتلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئاساسەن بىڭتۇەن قارمىقىدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرى بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.









