خىتاي ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ «قېلىپلاشتۇرۇش»نىڭ كويىغا چۈشكەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.08.24

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر 22-ئاۋغۇست كۈنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىگە يەرلىك ئۆلچەمنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش يىغىنى» ئۆتكۈزگەن.

يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ نامى ۋە تۈرلىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۆلچەم بېكىتىلىپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈلگەن. گەرچە خەۋەردە، مەزكۇر ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە بېكىتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، خەۋەردە يىغىننىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلۇشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كۆزەتكۈچىلەر، ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ خۇددى ئىسىم-فامىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئوخشاشلا، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ئامېرىكىدىكى كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى تەھدىت ھېس قىلىۋاتقان بىر قىسىم دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنى چەكلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىپ بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.