ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 30 ئورۇندا خىتاي كۆچمەنلىرىگە «شىنجاڭ كىملىكى» نى تارقىتىش ئورنى تەسىس قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 15‏-سېنتەبىر خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ ئۇيغۇر رايونىدا ياشايدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە كىملىك تارقىتىشنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كىملىك تارقىتىش ياكى ئالماشتۇرۇش ئورنىنىڭ سانىنى 30 غا كۆپەيتكەن.

بۇرۇن خىتايلارنىڭ كىملىكىنى يەرلىك كىملىككە ئۆزگەرتىش ياكى يېڭى كىملىك ئىشلەپ بېرىش خىزمىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 4 ئورۇندا بېجىرىلەتتى. «تەڭرىتاغ تورى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 15‏-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىتاي كۆچمەنلىرىگە كىملىك بېجىرىش ئورنىدىن يەنە 26 نى تەسىس قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە كىملىك بېجىرىش ئورنى 30 غا كۆپەيگەن. خەۋەردە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەرلىك كىملىكىگە ئىلتىماس قىلغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە 60 كۈن ئىچىدە يېڭى كىملىك بېجىرىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنى 1990‏-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر پىلانلىق يولغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن «5 ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن بۇ سىياسەتنى تېخىمۇ كەڭ قويۇۋېتىپ، ئىچكىرىدىن چىققان ھەرقانداق خىتاي يەرلىك كىملىككە ئىلتىماس قىلسا دەرھال بېجىرىپ بېرىشكە باشلىغان. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، «بۇ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى» دەپ ئەيىبلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل، تۇرمۇش خاسلىقىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىدا تېخىمۇ ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. «تەڭرىتاغ تورى»نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2016‏-يىلى 11‏-ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىن كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىغا دەرھال يەرلىك كىملىك بېجىرىپ بېرىشنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ قېتىم بۇنى خىتاينىڭ 30 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە     قاراشلىق شەھەرلىرىنىڭ پۇقرالىرىغا كېڭەيتكەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت