خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش» ھەرىكىتى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-01-07
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتى» نامىدا بىر ھەرىكەت قوزغاپ، ئۇيغۇر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى تىزىملاشنى باشلىغان.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەرقايسىي ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ يېزا (بازار) لىرىدا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش پونكىتى تەسىس قىلغان. ۋىلايەت بويىچە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاپ گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتى تاماملانغان ۋە 385 مىڭ 296 گۇۋاھنامە تارقىتىلغان.

خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى «دۆلەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق چوڭ ئىش، دېھقانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ، مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ،» دەپ تەرىپلىگەن. بىراق چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلغانلىق، دەپ قارىماقتا.

«كۆچمەس مۈلۈك» ئادەتتە ناھايىتى كەڭ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇ پەقەت يەر-زېمىن ۋە ئۆي-جاي بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تارتىۋالغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتلاردىن يولغا چىققاندا، بۇ قېتىملىق كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ھەرىكىتىنى يەنە بىر قېتىملىق بتالان-تاراجنىڭ تەييارلىقى بولۇشى مۇمكىن،» دەپ مۆلچەرلىمەكتە.

بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا ۋىلايەت-ئوبلاستلىرىدىمۇ بىردەك يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت