ئامېرىكا 7‏-نويابىر كۈنىنى «كوممۇنىزم قۇربانلىرىنىڭ دۆلەتلىك خاتىرە كۈنى» دەپ ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.11.08

ئامېرىكا تۈنۈگۈن 7-نويابىر كۈنىنى «كوممۇنىزم قۇربانلىرىنىڭ دۆلەتلىك خاتىرە كۈنى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاقساراينىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، مەزكۇر خاتىرە كۈنىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەسلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بېكىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر باياناتتا، «ئۆكتەبىر ئىنقىلابنىڭ سىياسىي پەلسەپىسى ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى رەت قىلىدۇ؛ شۇڭا ئۆتكەن 100 يىل مابەينىدە مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ تۈرتكىسى بىلەن دۇنياغا كەلگەن دىكتاتور دۆلەتلەر دۇنيادا 100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان،» دېيىلدى. باياناتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كوممۇنىزمنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە ھېلىھەم بۇ تاپان ئاستىدا ئېزىلىۋاتقانلارنى ئۇنتۇمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى مەيدانىنى تۇنجى قېتىم كەسكىن توندا تەكرارلىشى ئەمەس. دونالد ترامپ، بۇ يىل ب د ت دا قىلغان سۆزىدە «كوممۇنىزمدىن ئىبارەت بۇ بەربات بولغان ئىدېئولوگىيەگە چوقۇنغانلار دۇنيادا زۇلۇم-زاۋاللىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەسسە قوشىدۇ،» دېگەن. ئاقساراينىڭ مەزكۇر خاتىرە كۈن ھەققىدىكى باياناتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىغا توغرا كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.