بۇ يىل ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت كۆمۈر قېزىش سۈرئىتى ۋە كۆمۈردىن ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇمۇل-تۇرپان، جۇڭغار، ئىلى، كۇچا-باي قاتارلىق جايلارنى 4 چوڭ بازا قىلىپ بېكىتكەن.
شىنخۇا تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بازىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈر گازى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق قىسقا مۇددەتتە گەنسۇ ئۆلكىسىنى، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بويىچە خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدىكى بارلىق ئۆلكىلەرنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى خىتايدىكى ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدا كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇپ، تۇرۇبا ئارقىلىق شەرقتىكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرى ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى باشلاپ، بۇ تۈرلەرگە جىددىي مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ كۆمۈر زاپاسلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىپ، ئېنېرگىيە ۋە توك ھاسىل قىلىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا سۇ يېتىشمەسلىك، سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئېكولوگىيىلىك شارائىتىنىڭ بۇ خىل قۇرۇلۇشلارغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
ئەمما ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بۇ چاقىرىقلارغا قارىماي، يۇقىرىدىكى 4 چوڭ بازىغا زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىپ، ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كۆمۈر مىقدارىنى 400 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇپ، 100 مىليارد كۇبمېتىر كۆمۈر گازى ۋە 30 مىليون ۋات توك ئىشلەپچىقىرىشنى مۆلچەرلىمەكتە.