غۇلجىدىكى كۆمۈر كانلىرىنىڭ كۆپلەپ قېزىلىشى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.21

خىتاينىڭ «ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ قېزىلىشى ئىزچىل ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بىرىدۇر.

يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى غۇلجا كان رايونىدىكى 2-نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننى قېزىش قۇرۇلۇشىنى رەسمىي تەستىقلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر كۆمۈر كاننى قېزىش قۇرۇلۇشىغا 3.1 مىليارد سوملۇق مەبلەغ ئاجرىتىلغان. مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىڭ 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا تۆت مىليون توننىدىن بولىدىكەن. كان رايونى غۇلجا ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، قېزىلغان كۆمۈرلەرنى تاللاپ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلايدىكەن.

ئەمما ئالاقىدار زاتلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆمۈر بايلىقىنىڭ قېزىلىشى باشقا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ قېزىلىشى ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلگىنىگە ئوخشاش يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ جايغا قالىدىغىنى پەقەت بۇلغانغان مۇھىتتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ،» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق قورچاق رەئىس نۇر بەكرى 2014-يىلى رەئىسلىكتىن ئايرىلىپ، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ يۆتكەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.