خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدە 56 كۈنلۈك «تېررورچىلار»نى ئىز قوغلاش ھەرىكىتى ئاخىرىلاشقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.11.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى 14‏-نويابىر  ئۇيغۇر ئىلىدە بىر تېررورلۇق ۋەقەسىگە چېتىشلىق ھۇجۇمچىلارنى 56 كۈن داۋام قىلغان ئىز قوغلاش ھەرىكىتى غەلىبىلىك ئاخىرىلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخباراتىدا، ھۇجۇمچىلارنىڭ كونكرېت قايسى تېررورلۇق ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن. ئەمما خىتاي ۋە چەتئەل ئاخباراتى ئۇلارنىڭ باي ناھىيەسىدىكى سوغان كۆمۈر كېنىغا ھۇجۇم قىلغان ھۇجۇمچىلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىل 18‏-نويابىر يۈز بەرگەن ۋەقەدە ھۇجۇمچىلار ئاز دېگەندە 50 تەك خىتاي كان ئىشچىسىنى ئۆلتۈرگەن. دائىرىلەر ھۇجۇمچىلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇش ھەرىكىتى باشلىغان.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخباراتى شۇ كۈنى پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمدىن بىر قانچە سائەت كېيىنلا ئېلان قىلىنغان. پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 129 كىشى ئۆلگەن.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 14‏-نويابىر تارقاتقان ئاخباراتىدا، پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھۇجۇمنى ئۆز ‏-ئارا باغلاپ، «13 ‏-نويابىر قارا جۈمە كۈنى پارىژ تارىختىكى ئەڭ ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نەچچە يۈز ئادەم چىقىمدار بولدى. يەر شارىنىڭ باشقا بىر تەرىپىدە شىنجاڭدىكى خىتاي ساقچىلىرى 56 كۈنلۈك ئىز قوغلاش ئارقىلىق ئاخىرى زور غەلىبىگە ئېرىشتى» دېگەن.

بىراق دائىرىلەر ئاخباراتىدا، ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمچىلارنىڭ سانى، كىملىكى، ئەگەر ئۇلار «سوغان ۋەقەسى»گە چېتىشلىق ھۇجۇمچىلار بولسا، ئۇلار بىللە ئېلىپ ماڭغان بالىلار‏ ۋە ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.