د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارانى «باي كان ۋەقەسى» ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.11.26

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاينى «باي كۆمۈر كان ۋەقەسى» ئۈستىدىن مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىردى. رابىيە قادىر خانىم بۇ چاقىرىقنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ «سوغان ‏كۆمۈر كان ۋەقەسى» گە قاتناشقان 28 كىشىنى ئوتچاچار بىلەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى نېمە ئۈچۈن 56 كۈندىن كېيىن ئېلان قىلغانلىقىغا سوئال قويۇپ، «ئەگەر پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرمىگەن بولسا، بۇ ۋەقەنى داۋاملىق يوشۇرۇن تۇتقان بولامتى؟» دېگەن.

رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا يەنە، خەلقئارانىڭ بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق يېقىنقى 3-4 كۈن ئىچىدە باي كان ۋەقەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان 2‏-تەشكىلات. بۇنىڭدىن بۇرۇن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 13‏-نويابىر پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىنلا، باي كۆمۈر كان ۋەقەسىگە قاتناشقان «تېررورچىلار» نىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، «زور غەلىبىگە» ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» بولسا ئۆڭكۈرگە كىرىۋالغان ھۇجۇمچىلارنىڭ ئوتچاچار قورالدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئاياللار ۋە بالىلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.