خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا 201 «كونا مەھەللە» نى ئۆزگەرتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-08
Share

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شەھەر-بازارلارنىڭ «مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كونا مەھەللىرىنى چېقىپ، ئاھالىسىنى كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ داۋاملىق يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىنلا 201 ئورۇندىكى «كونا مەھەللە» ئ‍ۆزگەرتىلگەن. خەۋەردە بۇ يىللىق پىلاننىڭ 100 % ئورۇندالغانلىقى ۋە بۇنىڭ ۋىلايەت مىقياسىدىكى 14 مىڭ 549 ئائىلىگە چېتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى تۈرمە، لاگېرلارغا قاماش، باشقا جايلارغا يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كونا مەھەللىلەرنى چېقىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بىر خىل ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇش شەكلى بولغان «مەھەللىلەر» دىن يىراقلاشتۇرۇلغان. خىتاينىڭ بۇ پىلانى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ پارچىسى» دەپ ئەيىبلەنگەنىدى.

بىراق «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كۆنا مەھەللىلەرنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش ياساپ، توك لىنىيەسى، ئەۋرەز يولى، سۇ، گاز-تۇرۇبا يۇللىرىنىڭ راۋاجلىنىپ، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلى باشلانغان ئ‍ۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىكى 201 كونا مەھەللىگە چېتىشلىق 14549 ئائىلىنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ بولغان. خەۋەردە 7606 ئائىلىگە چېتىشلىق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت