شىمالىي فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقاشنى قارار قىلدى
2018.08.15
ئامېرىكىنىڭ شىمالىي فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزىدە 2014-يىلى تەسىس قىلىنغان كۇڭزى ئىنستىۇتىنى تاقاشنى قارار قىلغان.
مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ۋە ئونىۋېرسىتېتنىڭ غايىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە بۇ ئىنستىتۇتنى تاقاشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە كۇڭزى ئىنستىتۇتى خادىملىرىغا 6 ئاي ئىچىدە مەكتەپتىن ئايرىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بېرىلگەن.
رويتېرس ئاسگېنتلىقىنىڭ 15-ئاۋغۇستتىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۈگۈنكى تىۋىتتىر ئۇچۇرىدا شىمالى فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر قارارىنى تەبرىكلىگەن ۋە ئامېرىكىدىكى باشقا ئونىۋېرسىتېتلارنىمۇ كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تېزدىن تاقاشقا دەۋەت قىلغان. ئىلگىرى ماركو رۇبىيو قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى، يەنى ئۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئىنستىتوتلارنى تاقاشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆتكەن ئايلارا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتوتلىرىنى تاقاشنى قارار قىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزى ئىشخانىسى بېيجىڭدا بولغان كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئامېرىكىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېتتا شۆبىلىرى قۇرۇلغان ئىكەن.