خىتاي دائىرىلىرى كورلا شەھىرىگە سۈنئىي ئەقىل تەجرىبىخانىسى قۇرغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018.02.03

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆلەملەشتۈرگەن كومپيۇتېر ئارقىلىق تەقىب قىلىش ۋە چىراي تونۇش تېخنىكىسى خەلقئارا ئاخباراتلاردا غولغىلا قوزغىغان بىر مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى كورلا شەھىرىگە سۈنئىي ئەقىل ئەمەلىي تېخنولوگىيىسى تەجرىبىخانىسىنى رەسمىي قۇرۇغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. «سىنا» نىڭ «خىتاي خەۋەرلەر تورى» دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، تەجرىبىخانا كورلا شەھىرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا ياسالغان.

خەۋەرگە قارىغاندا مەزكۇر تەجرىبىخانا خىتاي كومپارتىيىسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ «تىنچ خىتاي قۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقنى قوغداش ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كۆرسەتمىسى» گە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. 

خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىندا خىتاي دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسى «يېڭى دەۋرىدىكى سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات پىلانى» ناملىق بىر ھۆججەت تارقاتقان.

كورلا دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا تارقاتقان ھۆججەتكە ماسلاشقان ھالدا كورلا شەھىرىدە قۇرۇلغان تەجرىبىخانا ئارقىلىق ئاتالمىش «بىر گەۋدىلەشكەن ئۇرۇش قوماندانلىق سۇپىسى» نىڭ سۈرەتلىك پەرقلەندۈرۈش ۋە سۈنئىي ئەقىل بىلەن چارلاپ باشقۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. 

تەجرىبىخانىنى كورلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش ھەيئىتى، چۇڭچىڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چۇڭچىڭ يېشىل سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيىسى تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلار بىلىشىپ قۇرغان.

ئىلگىرى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە خىتاي خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى سۈنئىي ئەقىل بىلەن چىراي پەرقلەندۈرۈش تەجرىبىخانىسىغا ئايلاندۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىگە ئورنىتىلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى خىزمەت ئورنى ۋە ئۆز ئۆيىدىن 300 مېتىر يىراقلىغان ھامان مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش يەتكۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.